سۈنئىي ئىدراك2026-10-03يېڭىلانغان:

ئۇيغۇرچە تەلەپ قانداق يېزىلىدۇ

ئۇيغۇرچە تەلەپكە ۋەزىپە، تىل ۋە شەكىل يېزىڭ. ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم قوش يېزىڭ، سان ۋە نەقىلنى سىلىق بولغىنى ئۈچۈن قوبۇل قىلماڭ

مودېل ئۇيغۇرچىنى ئاز كۆرگەن. شۇڭا قىسقا، ئېنىقسىز ئۇيغۇرچە تەلەپ كۆپىنچە ئىككى خىل جاۋاب بېرىدۇ: تۈركچە ياكى ئۆزبەكچىگە يېقىن بىر تىل، ياكى سىلىق ئەمما خاتا ئۇيغۇرچە. بۇ بەت شۇنى تۈزىتىشنىڭ يېزىش قائىدىسى.

ئۇيغۇرچە تەلەپ قانداق يېزىلىدۇ

تۆۋەن مەنبەلىك تىل مەسىلىسى — نېمىشقا ئۇيغۇرچە ناچار چىقىدۇ — ئايرىم يېزىلغان. بۇ يەردە سەۋەب قايتىلانمايدۇ. پەقەت ئىككى ئىش: تەلەپنى قانداق يېزىش، ۋە جاۋابنى قانداق تەكشۈرۈش.

كېچىدىكى ئۈستەلدە ئوچۇق دەپتەر ۋە قىسقا كۆرسەتمە كارتىسى. ئۇيغۇرچە تەلەپ قىسقا ۋە ئېنىق بولسۇن.
كېچىدىكى ئۈستەلدە ئوچۇق دەپتەر ۋە قىسقا كۆرسەتمە كارتىسى. ئۇيغۇرچە تەلەپ قىسقا ۋە ئېنىق بولسۇن.

بىر تەلەپتە ئۈچ نەرسە بولسۇن

ۋەزىپە. نېمە قىلسۇن: تەرجىمە، قىسقارتىش، ياكى بىر سوئالغا جاۋاب. «ھەممىنى ياخشى قىل» دېگەن ۋەزىپە ئەمەس.

تىل. جاۋاب ئۇيغۇرچە، ئەرەب يېزىقىدا بولسۇن. لاتىن يېزىقى، تۈركچە ياكى ئۆزبەكچە بولمىسۇن. بۇنى ئاتاپ يېزىڭ. مودېل ئۆزى پەرەز قىلمايدۇ.

شەكىل. بىر قىسقا مىسال، ياكى ئۇزۇنلۇق. «قىسقا» دېگەندىن «ئۈچ جۈملە» ياخشى. مىسال كۆرسەتمە سۆزدىن كۈچلۈك، چۈنكى مودېل كېيىنكى بەلگىنى شۇ شەكىلگە يېقىن تاللايدۇ.

ئاجىز تەلەپ، ئاندىن تۈزەتكىنى

ئاجىز:
بۇنى ئۇيغۇرچە ياخشى قىلىپ ياز.

تۈزەتكەن:
تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە جۈملىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىل.
جاۋاب پەقەت ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا بولسۇن.
تۈركچە، ئۆزبەكچە ۋە لاتىن يېزىقى بولمىسۇن.
ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم قوش ياز: سىڭدۈرۈش (embedding).
ئۈچ جۈملىدىن ئاشمىسۇن.

مىسال شەكىل:
كىرگۈزۈش: The model predicts the next token.
چىقىرىش: مودېل كېيىنكى بەلگىنى (token) مۆلچەرلەيدۇ.

ئىنگلىزچە ئاتالغۇنى تاشلىماڭ

تۇنجى قېتىم ئاتالغۇنى ئىككىلىسى بىلەن يېزىڭ: سىڭدۈرۈش (embedding). كېيىنكى قېتىم ئۇيغۇرچىسى يېتەرلىك. ئىنگلىزچىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرمەڭ. كود، خاتالىق ئۇچۇرى ۋە ھۆججەت ئىنگلىزچە. ئوقۇغۇچى embedding نى كۆرمىسە، ھۆججەتتىن ئىزدىيەلمەيدۇ.

تەرجىمە قىلىنماسلىقى كېرەكلىرى: مودېل نامى، API، ھۆججەت نامى، كود پارچىسى. تەرجىمە قىلىنغىنى: چۈشەندۈرۈش، مىسال ۋە خۇلاسە. بىر ماقالىدە بىر ئاتالغۇنىڭ بىر خىل قارشىلىقى بولسۇن. ئوتتۇرىدا باشقا سۆزگە ئالماشتۇرۇۋەتمەڭ.

جاۋابنى قانداق تەكشۈرىسىز

سىلىق ئۇيغۇرچە ھەقىقەت ئەمەس. مودېل كېيىنكى بەلگىنى تاللايدۇ، توغرىلىقنى ئايرىم تەكشۈرمەيدۇ. تەكشۈرۈش سىزدىن. ئالاھىدە تۆت نۇقتا:

جاۋاب كارتىسى بىر مەنبە كىتابقا سېلىنىۋاتىدۇ. سان ۋە نەقىلنى جۈملە سىلىق بولغىنى ئۈچۈن قوبۇل قىلماڭ.
جاۋاب كارتىسى بىر مەنبە كىتابقا سېلىنىۋاتىدۇ. سان ۋە نەقىلنى جۈملە سىلىق بولغىنى ئۈچۈن قوبۇل قىلماڭ.

سان، چېسلا، ئىسىم ۋە كىتاب نامىنى مەنبەسىز قوبۇل قىلماڭ. ئۇلار ئەڭ ئاسان ئويدۇرۇلىدىغان بەلگە.

مودېل نەقىل كەلتۈرسە، شۇ جۈملىنى ئەسلى تېكىستتىن ئىزدەڭ. تاپالمىسىڭىز، نەقىل يوق. مودېل «مەنبە» شەكلىنىلا داۋاملاشتۇرغان.

جاۋاب بەك تولۇق ۋە بەك سىلىق بولسا، بىر كونكرېت سوئال قايتۇرۇڭ: «بۇ سان قايسى جۈملىدىن كەلدى؟» جاۋاب بېرەلمىسە، ساننى ئۆچۈرۈڭ.

ئىملا تۈزۈك بولسىمۇ مەزمۇن خاتا بولۇشى مۇمكىن. تىل تەكشۈرۈش ھەقىقەت تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىنى باسمايدۇ.

قاچان كۆرسەتمىنى ئىنگلىزچە يېزىش

كۆرسەتمىنى ئىنگلىزچە، مەزمۇننى ئۇيغۇرچە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. مودېل قىسقا ئىنگلىزچە بۇيرۇقنى ئاسانراق ئەگىشىدۇ. جاۋاب تىلىنى يەنىلا ئاتاپ يېزىڭ، بولمىسا ئىنگلىزچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

Translate the Uyghur text into clear English.
Keep personal names unchanged.
If a word is unclear, write [unclear] instead of guessing.

Text:
«بۇ يەرگە ئۇيغۇرچە مەزمۇن»
قىلىڭقىلماڭ
جاۋاب تىلىنى ئاتاپ يېزىڭ«ياخشى قىلىپ ياز» دەپ قويۇڭ
بىر قىسقا مىسال بېرىڭبەش ۋەزىپىنى بىر تەلەپكە قاچىلاڭ
ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم قوش يېزىڭ: سىڭدۈرۈش (embedding)embedding نى پەقەت تەرجىمە قىلىپ تاشلاڭ
سان ۋە نەقىلنى مەنبەدىن تەكشۈرۈڭسىلىق جۈملىنى ھەقىقەت دەپ ئېلىڭ

داۋاملىق ئوقۇڭ

ئۇيغۇر تىلى ۋە تۆۋەن مەنبەلىك تىل مەسىلىسى: https://www.idirak.com/articles/uyghur-nlp-low-resource

مودېل قانداق جاۋاب بېرىدۇ: https://www.idirak.com/articles/how-a-language-model-answers

تەلەپ يېزىش: https://www.idirak.com/articles/prompt-engineering

ئۇيغۇرچە AI ئاتالغۇلار لۇغىتى: https://www.idirak.com/articles/uyghur-ai-glossary

تۈزگۈچى: سۈنئىي ئىدراك — idirak.com ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە تەلەپ يېزىش

كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

ئۇيغۇرچە تەلەپنى قانداق يېزىمەن؟
ئۈچ نەرسە بولسۇن: ۋەزىپە، جاۋاب تىلى (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، تۈركچە ياكى لاتىن ئەمەس)، ۋە شەكىل ياكى بىر قىسقا مىسال. «ياخشى قىلىپ ياز» يېتەرلىك ئەمەس.
ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىپلا قويسام بولامدۇ؟
ياق. تۇنجى قېتىم قوش يېزىڭ: سىڭدۈرۈش (embedding). مودېل نامى، API ۋە كودنى تەرجىمە قىلماڭ. چۈشەندۈرۈشنى ئۇيغۇرچە يېزىڭ.
جاۋاب سىلىق بولسا توغرامۇ؟
ياق. سىلىق ئۇيغۇرچە ھەقىقەت ئەمەس. سان، چېسلا، ئىسىم ۋە نەقىلنى مەنبەدىن تەكشۈرۈڭ. نەقىل تاپالمىسىڭىز، ئۇ نەقىل يوق.
كۆرسەتمىنى ئىنگلىزچە يازسام بولامدۇ؟
بولىدۇ. قىسقا ئىنگلىزچە بۇيرۇقنى مودېل ئاسانراق ئەگىشىدۇ. جاۋابنىڭ ئۇيغۇرچە، ئەرەب يېزىقىدا بولۇشىنى ئاتاپ يېزىڭ.