مودېل جاۋابنى قامۇستىن ئىزدىمەيدۇ. ئۇ تېكىستنى كىچىك بەلگىلەرگە بۆلىدۇ، ئاندىن كېيىنكى بەلگىنى بىر-بىرلەپ تاللايدۇ. Prompt يېزىشتىن بۇرۇن مۇشۇ بىر مېخانىزمنى كۆرۈپ قويۇش كېرەك.
چوڭ تىل مودېلى قانداق جاۋاب بېرىدۇ
كۆپ كىشى چوڭ تىل مودېلىنى قامۇس دەپ ئويلايدۇ. سوئال كىرىدۇ، ئىچىدە ساقلىنىپ قويۇلغان جاۋاب چىقىدۇ. ئۇنداق ئەمەس. مودېلنىڭ ئىچىدە تەييار ئابزاس يوق. ئۇ پەقەت شۇنى سورايدۇ: بۇ تېكىستنىڭ كەينىگە قايسى بەلگە كېلىشى ئەڭ ئېھتىمال؟
بۇ بەت پۈتۈن AI دۇنياسىنى سۆزلىمەيدۇ. پەقەت بىر قەدەم: جاۋاب قانداق ئۆسىدۇ. شۇنى بىلسىڭىز، كېيىنكى دەرستە تەلەپنى نېمىشقا ئېنىق يېزىش كېرەكلىكى ئۆزى چۈشىنىلىدۇ.
ئاۋۋال تېكىست بۆلىنىدۇ
مودېل سۆزنى سۆز سۈپىتىدە ئوقۇمايدۇ. ئۇ تېكىستنى token غا ئايرىيدۇ. Token — بەلگە: مودېل كۆرىدىغان ئەڭ كىچىك بۆلەك. بىر ئىنگلىزچە سۆز بەزىدە بىر بەلگە بولىدۇ. ئۇيغۇرچە سۆز كۆپىنچە بىر نەچچە بەلگىگە بۆلۈنىدۇ، چۈنكى مودېل ئۇيغۇرچىنى ئىنگلىزچىدەك كۆپ كۆرمىگەن.

تۆۋەندىكى بۆلۈش بىر ھەقىقىي tokenizer نىڭ چىقىرىشى ئەمەس. ئۇ پەقەت شەكىلنى كۆرسىتىدۇ: كۆزگە بىر سۆز بولغان نەرسە، مودېلغا بىر نەچچە پارچە.
ئۇيغۇر تىلى
→ ئۇي | غۇر | تى | لى
«تىلى» كۆزگە بىر سۆز.
مودېل ئۇنى بىر نەچچە بەلگە قىلىپ كۆرۈشى مۇمكىن.ئاندىن كېيىنكى بەلگە تاللىنىدۇ
بۆلۈنگەندىن كېيىن مودېل بىر بەلگە تاللايدۇ، ئۇنى جۈملىگە قوشىدۇ، يەنە شۇ سوئالنى سورايدۇ. جاۋاب مۇشۇنداق ئۆسىدۇ. بىر قېتىمدا پۈتۈن ئابزاس قارار قىلىنمايدۇ. ھەر قەدەم پەقەت كېيىنكى token.

كىرگۈزۈش: ئۇيغۇر تىلى
كېيىنكى بەلگىنىڭ ئېھتىماللىقى (مىسال، ئۆلچەم ئەمەس):
«بىر» 0.18
«دۇنيا» 0.11
«نىڭ» 0.09
مودېل بىرنى تاللايدۇ، قوشىدۇ، قايتا سورايدۇ.| ئۇقۇم | نېمە قىلىدۇ |
|---|---|
| Token | تېكىستنىڭ مودېل كۆرىدىغان ئەڭ كىچىك بۆلىكى |
| كېيىنكى بەلگە | ھەر قەدەمدە تاللىنىدىغان داۋام |
| Context Window | مودېل بىر قېتىمدا كۆرەلەيدىغان بەلگە سانى. ئۇنىڭ سىرتىدىكىسى يوق |
| Temperature | تاللاشنىڭ قانچىلىك جۈرئەتلىك بولۇشى. تۆۋەن بولسا مۇقىم، يۇقىرى بولسا تاسادىپىي |
تېمپېراتۇرا نېمىنى ئۆزگەرتىدۇ
تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا مودېل ھەر قېتىم ئەڭ ئېھتىماللىق بەلگىنى تاللايدۇ. جاۋاب تۇراقلىق، قايتىلانغىلى بولىدۇ. يۇقىرى بولسا ئاز ئېھتىماللىق بەلگىگە يول قويىدۇ. شۇڭا بىر تەلەپتىن ئوخشىمىغان ئابزاس چىقىدۇ. بۇ مودېل «ئويلىنىۋاتىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. تاللاش قائىدىسى ئۆزگەرگەن.
ئۇ بىلمەيدۇ، داۋاملاشتۇرىدۇ
مودېل «بۇ ھەقىقەتمۇ» دەپ قارار قىلمايدۇ. ئۇ «بۇنىڭ كەينىگە تېكىستلەردە نېمە كەلگەن» دېگەن ئېھتىمالنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر ئىش تەربىيە تېكىستىدە كۆپ يېزىلغان بولسا، شۇ داۋام ئاسان چىقىدۇ. ئاز يېزىلغان بولسا، مودېل يەنىلا بىرەر بەلگە تاللاشقا مەجبۇر. شۇ چاغدا ئىشەنچلىك ئاۋازدا خاتا جۈملە چىقىدۇ. بۇ ئويدۇرما جاۋاب.
سان، ئىسىم، چېسلا ۋە نەقىل ئەڭ ئاسان ئويدۇرۇلىدۇ. ئۇلار قىسقا، ھەمدە خاتا بولسىمۇ جۈملە سىلىق ئاڭلىنىدۇ.
مودېل مەنبە كۆرسەتسە، ئۇ مەنبەنى ئاچقان بولمايدۇ. ئۇ پەقەت «مەنبە كۆرسىتىش» شەكلىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە ئاز كۆرۈلگەن تېما، ئىنگلىزچە كۆپ كۆرۈلگەن تېمىدىن ئاسان ئويدۇرۇلىدۇ. Context Window چوڭ بولسىمۇ بۇ ئۆزگەرمەيدۇ. كۆزنەك سىغىم، ھەقىقەت ئەمەس.
بۇ تەلەپ يېزىشقا نېمە دەيدۇ
سىز يازغان تەلەپ جاۋابنىڭ بېشى. مودېل شۇ بېشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. «ياخشىراق ياز» دېگەن جۈملە يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى قانداق داۋامنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتمايدۇ. تىل، ئۇزۇنلۇق ۋە شەكىل بېشىدا بولسا، كېيىنكى بەلگە شۇ شەكىلگە يېقىن تاللىنىدۇ.
كېيىنكى قەدەم ئاتالغۇلار. ئۇنىڭدىن كېيىن تەلەپنى قانداق يېزىش، ئاندىن ئۇيغۇرچە تەلەپنىڭ ئۆز قائىدىسى.
داۋاملىق ئوقۇڭ
ئۇيغۇرچە AI ئاتالغۇلار لۇغىتى: https://www.idirak.com/articles/uyghur-ai-glossary
تەلەپ يېزىش: https://www.idirak.com/articles/prompt-engineering
ئۇيغۇرچە تەلەپ قانداق يېزىلىدۇ: https://www.idirak.com/articles/uyghur-prompting
تۈزگۈچى: سۈنئىي ئىدراك — idirak.com ئۈچۈن، مودېل قانداق جاۋاب بېرىدۇ