ئاچقۇچىلار ئۈچۈن
ئىدراكنىڭ ئوچۇق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئەپ ۋە تور بەتلىرىڭىزدە ئىشلىتىڭ. ھەممىسى ھەقسىز، ئاچقۇچ (API key) ياكى تىزىملىتىش كېرەك ئەمەس، ھەر قانداق تور بەتتىن چاقىرغىلى بولىدۇ.
ئۇلىنىش نۇقتىلىرى
- GET /api/v1/tools
بارلىق قوراللار: ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە نامى، چۈشەندۈرۈشى، تۈرى ۋە ئادرېسى.
- GET /api/v1/glossary
ئۇيغۇرچە AI ئاتالغۇلار لۇغىتى: ئىنگلىزچە ئاتالغۇ، ئۇيغۇرچە قارشىلىقى ۋە چۈشەندۈرۈشى.
- GET /api/v1/word-of-the-day
بۈگۈنكى ئاتالغۇ. باشقا كۈن ئۈچۈن ?date=YYYY-MM-DD قوشۇڭ.
- GET /api/v1/news
بارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى خەۋەرلىرى: ماۋزۇ، قىسقىچە مەزمۇن، تۈر، چېسلا ۋە مەنبەلەر.
- GET /api/status
ھەربىر قورالنىڭ ھازىرقى ھالىتى، ھەر بەش مىنۇتتا تەكشۈرۈلىدۇ.
جاۋابلار JSON شەكلىدە، CDN دا ساقلىنىدۇ؛ ھەر جاۋابتا ئىجازەت ئۇچۇرى (license) بار.
curl https://www.idirak.com/api/v1/glossaryconst response = await fetch("https://www.idirak.com/api/v1/word-of-the-day");
const { date, word } = await response.json();
console.log(word.uy, word.en, word.definition);بۈگۈنكى ئاتالغۇ ۋىدجېتى
تۆۋەندىكى ئىككى قۇرنى تور بېتىڭىزگە قويسىڭىز، بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە تېخنىكا ئاتالغۇسى كۆرۈنىدۇ. data-lang="en" ئىنگلىزچە بەلگە، data-theme="dark" قاراڭغۇ ھالەت.
<div data-idirak-word></div>
<script src="https://www.idirak.com/embed/word.js" async></script>شۇ ۋىدجېت مۇشۇ يەردە:
ئىدراك ئائىلىسى بالدىقى
ئىدراكتىكى ھەر بىر ئەپ بۇ بىر قۇرنى بېتىگە قوشسا، بەتنىڭ ئاخىرىدا ئىنچىكە بىر بالداق كۆرۈنىدۇ: ئەپنىڭ ئىدراكتىكى تونۇشتۇرۇش بېتى، مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ئەپ ۋە بارلىق ئەپلەر تىزىملىكىگە ئۇلانما. ئەپ ئادرېسىدىن ئۆزلۈكىدىن تونۇلىدۇ؛ data-tool="101" بىلەن ئېنىق بەلگىلىگىلى، data-lang="en" بىلەن ئىنگلىزچە قىلغىلى بولىدۇ.
<script src="https://www.idirak.com/embed/network.js" defer></script>ئىشلىتىش شەرتلىرى
مەزمۇنلار CC BY-NC 4.0 ئىجازىتى بىلەن: Idirak نىڭ نامىنى كۆرسىتىپ ۋە www.idirak.com غا ئۇلانما بېرىپ، سودا مەقسىتى بولمىغان ئىشلارغا ھەقسىز ئىشلىتىڭ. تولۇق شەرتلەر
لۇغەت ئىزدەش ۋە ئىملا تەكشۈرۈش قاتارلىق قوراللارنىڭ API سى ھازىرچە يوق. ئېھتىياجىڭىز بولسا، جەمئىيەت بۆلىكىدىكى جەدۋەل ئارقىلىق بىزگە يېزىڭ. بىزگە يېزىش