O
سۈنئىي ئەقىليېڭى

OCR سكانېر

رەسىمدىن ئۇيغۇرچە تېكىست ئېلىش قورالى

تۈركۈم

سۈنئىي ئەقىل

بۇ قورال نېمە؟

OCR سكانېر — رەسىمدىكى ئۇيغۇرچە تېكىستنى تونۇپ، كۆچۈرگىلى بولىدىغان تېكىستكە ئايلاندۇرىدىغان قورال.

نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؟

ئۇيغۇرچە كىتاب، گېزىت ۋە قوليازمىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى رەسىم شەكلىدە ساقلانغان. ئۇلارنى تېكىستكە ئايلاندۇرمىغۇچە ئىزدىگىلى، تەھرىرلىگىلى ياكى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ — رەقەملىك ساقلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى مۇشۇ.

قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

رەسىمنى يۈكلەڭ ۋە نەتىجىنى ساقلاڭ. ئېنىق، تۈز ۋە يورۇق رەسىم ئەڭ ياخشى نەتىجە بېرىدۇ؛ قىڭغىر ياكى غۇۋا رەسىمدە خاتالىق كۆپىيىدۇ.

كىمگە ماس كېلىدۇ؟

ئۇيغۇرچە ماتېرىيالنى رەقەملەشتۈرۈۋاتقان تەتقىقاتچىلار، كۈتۈپخانىچىلار ۋە كونا كىتابلارنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلار.

كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

OCR نېمە؟
OCR (Optical Character Recognition) — رەسىمدىكى ھەرپلەرنى تونۇپ، كومپيۇتېر ئوقۇيالايدىغان تېكىستكە ئايلاندۇرىدىغان تېخنىكا. رەسىمدىكى سۆزنى ئىزدىگىلى، كۆچۈرگىلى ۋە تەھرىرلىگىلى بولىدىغان قىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە OCR نېمە ئۈچۈن قىيىن؟
ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ھەرپلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ ۋە بىر ھەرپنىڭ سۆز بېشى، ئوتتۇرىسى، ئاخىرىدىكى شەكلى ئوخشىمايدۇ. بۇ لاتىن يېزىقىغا سېلىشتۇرغاندا تونۇشنى خېلى مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ.