P
رەسىم
بوياش
بالىلار ئۈچۈن توردا بوياش ياكى بېسىپ چىقىرىشقا بولىدىغان ھەقسىز رەسىملەر
بۇ قورال نېمە؟
بوياش (رەڭدار دۇنيا) — بالىلار ئۈچۈن ھەقسىز بوياش بەتلىرى. 110 دىن ئارتۇق سىزما رەسىمنى توردا بىۋاسىتە بوياشقا، چۈشۈرۈشكە ياكى بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ؛ ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە ياپونچە ئىشلىتىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؟
بوياش بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىشىغا ۋە ئىجادچانلىقىغا پايدىلىق. ئانا تىلدىكى ئارايۈز بالىلارنىڭ ئۆزى ئىشلىتىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟
«بوياش كۇتۇپخانىسى» دىن بىر رەسىم تاللاڭ. رەڭ، قەلەم قېلىنلىقى ۋە ئۆچۈرگۈچ بىلەن توردا بوياڭ، ئاندىن ساقلاڭ، قەغەزگە بېسىڭ ياكى ھەمبەھرىلەڭ. خالىسىڭىز بوش رەسىمنى چۈشۈرۈپ قەغەزدە بوياتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كىمگە ماس كېلىدۇ؟
بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار.
باشلاش قەدەملىرى
- كۇتۇپخانىدىن بىر رەسىم تاللاڭ ياكى ئىزدەڭ.
- رەڭ ۋە قەلەم قېلىنلىقىنى تاللاپ بوياڭ؛ خاتا بولسا ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىڭ.
- بويالغان رەسىمنى ساقلاڭ ياكى قەغەزگە بېسىڭ.
- تىلنى ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ياكى ياپونچىغا ئالماشتۇرۇڭ.
كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار
- بوياش بەتلىرى ھەقسىزمۇ؟
- ھەقسىز. بارلىق رەسىملەرنى ھەقسىز بوياش، چۈشۈرۈش ۋە بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
- قەغەزدە بوياتسام بولامدۇ؟
- بولىدۇ. رەسىمنى چۈشۈرۈپ ياكى بىۋاسىتە بېسىپ چىقىرىپ، قەغەزدە رەڭلىك قەلەم بىلەن بوياتسىڭىز بولىدۇ.
