Q
مۇلازىمەت

قولاي

ئۇيغۇرچە ۋەزىپە تىزىملىكى: تىزىملىك، ۋاقىت، «بۈگۈن» كۆرۈنۈشى ۋە زاپاسلاش، ھەممىسى تور كۆرگۈچىڭىزدە

قولاي تور بېتىنىڭ كۆرۈنۈشى

تۈركۈم

مۇلازىمەت

بۇ قورال نېمە؟

قولاي — ئۇيغۇرچە ۋەزىپە تىزىملىكى ۋە كۈندىلىك پىلان باشلاش بېتى. تونۇشتۇرۇش بېتىدىن qolayapp.idirak.com دىكى ئەپكە كىرىپ، تىزىملىك ۋە ۋەزىپە قۇرۇپ، ۋاقتىنى بېكىتىپ، بۈگۈنكى ئىشلىرىڭىزنى بىر يەردە كۆرەلەيسىز.

نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؟

كۈندىلىك ئىشلارنى ئانا تىلدا، ئاددىي ۋە چىرايلىق شەكىلدە باشقۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان. ھېسابات ئېچىش كېرەك ئەمەس؛ ھەممە نەرسە تور كۆرگۈچىڭىزدە ساقلىنىدۇ.

قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

تىزىملىك قۇرۇپ، ھەر بىرىگە سىنبەلگە ۋە رەڭ تاللاڭ؛ ۋەزىپىلەرنى سۆرەپ تەرتىپلىيەلەيسىز ياكى باشقا تىزىملىككە يۆتكىيەلەيسىز. ۋاقىتنى «بۈگۈن»، «ئەتە»، «كېيىنكى ھەپتە» دىن تاللاڭ ياكى ۋەزىپىگە بىۋاسىتە يېزىڭ: «ئەتە دوختۇرغا بېرىش» ئۆزلۈكىدىن ئەتىگە ئورۇنلىشىدۇ. «بۈگۈن» كۆرۈنۈشى ھەممە تىزىملىكتىكى بۈگۈنكى ۋە ۋاقتى ئۆتكەن ۋەزىپىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ. كومپيۇتېردا خاتىرە، سائەت ۋە چاپلاق قوشقىلى بولىدۇ.

كىمگە ماس كېلىدۇ؟

كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئۇيغۇرچە پىلانلىماقچى بولغان ئوقۇغۇچى، ئائىلە ۋە خىزمەتچىلەر.

باشلاش قەدەملىرى

  1. تونۇشتۇرۇش بېتىدىن ئەپكە كىرىڭ.
  2. يېڭى تىزىملىك قۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى قوشۇڭ.
  3. ۋەزىپىگە ۋاقىت بېكىتىڭ ياكى «ئەتە» دېگەندەك سۆزنى ۋەزىپە بىلەن بىللە يېزىڭ.
  4. «بۈگۈن» كۆرۈنۈشىدە بۈگۈنكى ئىشلارنى تاماملاپ بەلگە قويۇڭ.

كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

ۋەزىپىلىرىم قەيەردە ساقلىنىدۇ؟
ھەممىسى تور كۆرگۈچىڭىزدە ساقلىنىدۇ ۋە بەتنى قايتا ئاچسىڭىزمۇ يوقالمايدۇ. تەڭشەكلەردىن JSON زاپاسى ئېلىپ، كېيىن قايتا ئەكىرەلەيسىز.
خاتا ئۆچۈرۈۋەتسەم قايتۇرغىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ. ⌘Z (ياكى Ctrl+Z) بىلەن 25 قەدەمگىچە قايتۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۆچۈرگەندىن كېيىن چىققان ئەسكەرتىشتىنمۇ قايتۇرالايسىز.